Jan 3, 2010

مەن ئاق بايراق ئەمەس



مەن ئاق بايراق ئەمەس
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

1
كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پارقىراق.
بىر چوققا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تەڭرىتاغقا جايلاشقان.

مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ھەممىدىن ئاۋۋال باشلاپ،
شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىنى يېقىپ مەڭزىن،
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن، غەربكە بارار ئاندىن.

كېچە بولسا تولۇن ئاي،
ئۆتمەيدۇ ئۇندا قونماي.
يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۈكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى.
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزىم قىلىپ ھەر بىرى.

ئېرىمەيدۇ قىش-يازى،
ئاق شايىدەك قار-مۇزى.
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبى'ئەتنىڭ ئەكسى --
تاشنى يەرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى.

شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوققا،
بەزى بولۇپ ھۆرلىقا.
كۆرۈنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى.
ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.

2
بۇنى بىلمەي بىر جاناب،
خانتەڭرىگە بىر قاراپ،
دەپ تاشلىدى: "بۇ چوققا يىراقتىن قارىماققا --
ئوھشايدىكەن ئەل بولغان قوشۇن تۇتقان بايراققا".

3
خانتەڭرى بۇنى ئاڭلاپ،
كۈلۈۋەتتى قاھقاھلاپ.
دېدى: نەدە چوڭ بولغان بېشى قاپاق جانابسىز،
قۇلاق سېلىڭ قالمىغاي بۇ گەپىڭىز جاۋابسىز.

دەرۋەقە ئاق مەن ئۆزۈم،
ساقال-چېچىم ھەم يۈزۈم.
لېكىن ھەرگىز ئەمەسمەن سىز دېگەندەك ئاق بايراق،
تەبى'ئىتىم-مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق.

ئادەمئاتا ھەم ھاۋا،
جەننەتتىن چىققان چاغدا،
تۈنجى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېمىندا،
بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادى تەرىمدە.

نوھنىڭ كېمىسى توپاندا،
يول تاپالماي ئازغاندا،
ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم.
ھاياتلىقنىڭ نىشانى -- ئاشۇ خەۋەر مەن ئىدىم.

قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر
باشلاپ كەلگەندە خەتەر،
ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان مەن ئىدىم،
شەرقلىقنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ قويغان مەن ئىدىم.

يىپەك يۈكلىگەن كارۋان،
قوڭغىراق جاراڭلاتقان.
ئاشۇ قەدىم يوللاردا ھەم قورۇقچى-پاسىبان،
ئاش-تۇز بەرىپ كارۋانغا ھەم بولغانتىم ساھىپخان.

ئەي جانابىي مۇھتەرەم،
بىلىپ قويۇڭ شۇنى ھەم.
تارىخ دېگەن كىتاپنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن،
نى-نى چىگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن يېشىلگەن.

قەغەز، كومپاس، مەتبە'ئە،
دورا دېگەن مۆجۈزە
مەندىن ئۆتۇپ جاھانغا تارالغان ھەم كېڭەيگەن،
مەدەنىيەت بۆشىكىن ئوز قولۇمدا تەۋرەتكەن.

4
دېمەك تا ئەلمىساقتىن --
بېرى بارمەن ئۇزاقتىن.
شۇڭا بېشىم ئاقارغان، ھەتتا كىيگەن تونۇم ئاق،
لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق.

بۇ ھۆر زېمىن ۋەتىنىم،
ئاڭا باغلىق جان-تېنىم،
چاچ-ساقالنىڭ ئاقلىقى -- تارىخ قەسىرىنىڭ ئۇلى،
كۆككې تاقاشقان بېشىم شۇ ۋەتەننىڭ سىمۋولى.

قارا بۇلۇت توسسىمۇ،
چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ.
ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرۇر تۇردى ھەممە ۋاق،
قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بولۇپ قالاي ئاق بايراق.

قەلبىم قىزىل چوغ تۇرۇپ،
قىزىل تۇغنى كۆتۇرۇپ.
كېتىۋاتسام مەردانە ناخشام غالىب، ياڭغىراق،
قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىز ئاق بايراق
!


0 comments:

Post a Comment