Jul. 13, 2007

hunlargha ait yadikarliqlar















munaswetlik ulinish

May 6, 2007

few songs

ozbek
uyghur

khazakh

May 2, 2007

Füssen trip



جنۇ Gnu



جنۇ(GNU)‏ بىر كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى بولوپ،پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتاللاردىن تۈزۈلگەن. سىستىما لايھىلىنىش جەھەتتە يۇنىكس(Unix) قا ئوخشاشسىمۇ،لىكىن ھەقسىز يۇمشاق دېتال ھەم ھىچقانداق يۇنىكس كودى ئىشلەتمەسلىك بىلەن يۇنىكستىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.

جنۇ 1983-يىلى رىچارد ستالمان(Richard Stallman) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولوپ، ھەقسىز يۇمشاق دېتال فوندى (FSF) نىڭ ئەسلى مەركىزى تېمىسى بولغان. سىستىمىنىڭ ئاساسى قىسمى ((GNU Compiler Collection (GCC) GNU Binary Utilities (binutils), the bash shell, the GNU C library (glibc), and GNU Core Utilities (coreutils) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1992-يىلى فىنلاندىيەلىك لىنۇس تورۋالدس ئۆزىنىڭ يۇنىكسقا ئوخشايدىغان كېرنىلىنى (سىستىما مەركىزى قىسمى،مىغىزى) ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن لىنۇكس كېرنىلى بىلەن جنۇ سىستىمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈن سىستىما بارلىققا كەلدى.ئارقىدىنلا بۇ خىل سىستىمىنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىز ئادەتتە ئىيتىدىغان لىنۇكس سىستىمىسى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولوپ، لىنۇكس دەپلا ئاتاش توغرا ئەمەس، چۈنكى لىنۇكس پەقەت كېرنىلنىڭ ئىسمىلا خالاس، بىرلىككە كەلگەن قائىدە بويىچە بۇ خىلدىكى سىستىمىلار جنۇ/لىنۇكس) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. 2005-يىلدىن باشلاپ جنۇ ئۆزىنىڭ سىستىما مەركىزىنى(كېرنىلى) پۈتۈپ Hurd دەپ ئاتايدۇ) يىڭى نۇسخىلىرىنى ئىلان قىلدى.

جنۇنىڭ نۆۋەتتىكى تارماق سىستىما ناملىرى: Bee GNU/Hurd، Debian GNU/Hurd جنۇنىڭ ئۆزىنىڭ Hurdنى ئىشلەتمەيدىغان نۇسخىلىرىدىن: جنۇ/لىنۇكس (GNU/Linux)---ھازىر ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان جنۇ تېپىدىكى سىستىما Debian GNU/kFreeBSD، Debian GNU/NetBSD، Nexenta OS

نوپوزلۇق تور ئادرىسى:http://www.gnu.org/

لىنۇكس(Linux) سىستىمىسى



لىنۇكس(Linux) سىستىمىسى

يۇنىكس تىپىدىكى كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى ئائىلىسىگە تەۋە بولوپ ھازىرقى ھەقسىز يۇمشاق دېتال جەميىتى ۋە ئوچۇق مەنبە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ مەنبە كودى ھەممەيلەنگە ئىچىۋىتىلگەن بولوپ ھەر بىر ئابونت خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ،ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە تارقىتالايدۇ.

1992-يىلى فىنلاندىيەلىك لىنۇس تورۋالدس(Linus Torvalds) ئۆزىنىڭ يۇنىكسقا ئوخشايدىغان كېرنىلىنى(kernel=سىستىما مەركىزى قىسمى،مىغىزى) ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن لىنۇكس كېرنىلى بىلەن جنۇ(GNU) سىستىمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈن سىستىما بارلىققا كەلدى.ئارقىدىنلا بۇ خىل سىستىمىنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىز ئادەتتە ئىيتىدىغان لىنۇكس سىستىمىسى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولوپ، لىنۇكس دەپلا ئاتاش توغرا ئەمەس، چۈنكى لىنۇكس پەقەت كېرنىلنىڭ ئىسمىلا خالاس، بىرلىككە كەلگەن قائىدە بويىچە بۇ خىلدىكى سىستىمىلار جنۇ/لىنۇكس GNU/Linux دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ IBM, Sun Microsystems, Hewlett-Packard(HP), Novell. قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مىكروسوفتنىڭ ۋىندوۋس سىستىمىسى سودا خاراكتىرىنى ئالغان، لىكىن لىنۇكس پۈتۈنلەي ھەقسىز بولوپ، ۋىندوۋسنىڭ دۈشمىنى بولوپ ھىسابلىنىدۇ.

بەزى كىشىلىرىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئادەتتە چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەتتېرلەرنىڭ ھەممىسى يۇنىكس (Unix) سىستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ. يۇنىكسنى ئاساس قىلغان لىنۇكس سىستىمىس دەسلەپ بارلىققا كەلگەندە پەقەت كومماند قۇر كۆرۈنۈشلۈك بولوپ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىز بولغان، شۇڭلاشقىمۇ دەسلەپ تازا ئومۇملاشماي،پەقەت كومپيۇتىر خاككېرلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغان سىستىمىسى بولوپ قالغان. يىقىنقى يىللاردا جنۇ/لىنۇكس پىدائىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، لىنۇكس تىپىدىكى سىستىمىلار ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. ھازىرقى ئەڭ يىڭى نۇسخىدىكى لىنۇكس سىستىمىلرى ئىشلىتىش قولايلىقى جەھەتتە ۋىندوۋستىن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئەكسىنچە ۋىندوۋسقا سىلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:

جنۇ/لىنۇكس سىستىمىسىنىڭ مەنبە كودى(source code) پۈتۈنلەي ئىچىۋىتىلگەن بولوپ، ھەممە ئادەم پايدىلنالايدۇ،خالىغانچە ئۆزگەرتەليدۇ، پۈتۈن سىستىمىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشالايدۇ.دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە كۆرە، لىنۇكس پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان پىدائى پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە كۇندىن كۈڭە يىڭىلىنىپ،شۇنداق ئىتتىك سۈرەتتە تەرەققى قىلۋاتىدۇ، ھەم تەرەققىيات سۈرىتى بارغانچە ئىتتىكلەۋاتىدۇ.

سىستىما ھەقسىز بولوپ، توردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قوشۇمچە ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتاللار ھەم ھەقسىز، پەقەت ئىختىيار قىلغانلار پۇل ئىئانە قىلىسا بولىدۇ. جنۇ/لىنۇكسنى ئەسلى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئۇقۇمىدىكى ھەقسىز سۆزى ھەقسىز تاماق ياكى ھەقسىز پىۋا سۆزىدىكى مەنىنى بىلدۈرمەستىن بەلكى ئەركىن نۇتۇق سۆزىدىكى ئەركىنلىك مەنىسىگە قارىتىلغان، يەنى ئۇلارنىڭ قارىشىدا بىلىم مەنبەسى ھەممە ئادەمگە ئورتاق بولوشى،ئىچۋىتىلگەن بولوشى كىرەك.

ھىسابلاش سۈرىتى تىز بولوپ ئادەتتە مۇرەككەپ ماتىماتىكىلىق پروگراممىلار لىنۇكس تىپىدىكى سىستىما ئىشلىتىدۇ.

سىستىمىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشۇ بەك ياخشى بولوپ، ئىشلەتكەنسىرى ئاستىلاپ كىتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئادەتتە ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەنسىر ئاستىلاپ كىتىدۇ،سەۋەبى، ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندە داۋاملىق دېتال قاچىلاپ يۇيۇپ تۇرىمىز، ئادەتتە يۇيۋىتىلگەن دېتاللار ۋىندوۋس سىستىمىسىنىڭ رەجىستەر (register) قىسمىدا قىلىپ قالىدىغان بولوپ، ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپىيىپ كىتىدۇدە، ھەر قىتىم بىرەر ´پروگراممنى قوزغاتقان ۋاقتتا سىستىما بىرمۇنچە ئەخلەت ئىشىدىن شۇ پروگراممىنى ئىزدەيدۇ دە، ۋاقت ئۇزراپ كىتىدۇ. لىنۇكستا بۇخىل يىتەرسىزلىككە خاتىمە بىرىلگەن.

ئوخشاش ئىقتىداردىكى سىستىمىنى سىلىشتۇرغاندا لىنۇكسنىڭ ك پ ئۇ غا بولغان تەلىپ ۋىندوۋسقا قارىغاندا تۆۋەنىرەك، دىمەك كومپيۇتېرنىڭ ئۆمىرىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ دىگەن گەپ.

لىنۇكس تارماقلىرى

لىنۇكسنىڭ ھازىر ئىشلىنىۋاتقان تۈرىدىنلا 300 دىن ئوشۇق خىلى بولوپ، ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلىرى بار. يىقىندا بەزى تارماقلىرى شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ سودا تۈسىنى ئالدى ،بۇ خىلدىكىلىرى ھەقسىز بولمىسىمۇ لىكىن يەنىلا ناھايتى ئەرزان. لىنۇكسنىڭ شىركەت يۆلىكىدىكى تۈرلىرىدىن Fedora Core (Red Hat), SUSE Linux (Novell), Ubuntu (Canonical Ltd.) , Mandriva Linux قاتارلىقلىرى، تور جەمىيەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۈرلىرىدىن Debian , Gentoo قاتارلىقلىرى بار.

يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدە ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) تۈرى ئەڭ تىز تەرەققى قىلۋاتقان ۋە قوللىنىشى ئەڭ كەڭ بولىۋاتقان تۈرى ھىسابلىنىدۇ.بۇ تۈر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولوپ ئىشلىتىشمۇ ھەممىدىن قولايلىق، بولوپمۇ كومپيۇتىردا پروگرامما تۈزۈشتىن خەۋىرى بولمىغان ئادەممۇ ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندەكلا ئاسان ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىرقى لىنۇكس نۇسخىلىرى ،بولوپمۇ ئۇبۇنتۇ، ئۈچ ئۈلچەملىك كۆرۈنۈشنى قوللايدۇ،يەنى ۋىندوۋس ۋىزتا غا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە.

بۇ يەردە چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى ۋە نوپوزلۇق بەتلىرى بار:

بۇ يەردە ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە ۋىدىئولىرى بار:

ئەسلى ۋىندوۋس بىلەن جنۇ/لىنۇكس بىر-بىرىنىڭ دېتاللرىنى تونۇمايتتى، كىيىن لىنۇكس wine دېتالىنى ياساپ چىقتى،بۇ دېتال لىنۇكس مۇھىتىدا ۋىندوۋس پروگراممىلىرىنى(ھۆججەت قۇيرۇق exe بىلەن ئاخىرلاشقان) ئىجرا قىلالايدۇ، لىكىن ھازىرچە بەزى ھۆججەتلەرنى تولوق ئىجرا قىلالماسلىقى مۇمكىن،لىكىن بۇ دېتال ناھايتى تىز سۈرەتتە يىڭلىنىۋاتىدۇ، كىيىن پۈتۈنلەي مۇكەممەللىشىپ كىتىشى مۇمكىن. ئادەتتە ۋورد ۋە باشقا ۋىندوۋستا ئىشلەيدىغان دېتاللارنىڭ لىنۇكستا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ۋارىيانتلىرى بار، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز،بولوپمۇ پەننى دېتاللارغا كەلگەندە لىنۇكسنىڭ دېتاللىرى بەكلا كۆپ،تۆۋەندىكى ئادرىستا ۋىندوۋس دېتاللىرى بىلەنلىنۇكس دېتاللىرىنىڭ ئوخشاش ئىقتىدارلىقلىرىنىڭ تېزىمى بىرىلگەن.

پەرقى