Dec 7, 2008

تېمىسىز


مۇۋاپىق تېما تاپالمىدىم...

بىلمىدىم، ھەدىستە بولسا كىرەك، "ئۆزىنى قۇتقۇزمىغان قەۋىمنى ئاللاھ مۇ قۇتقۇزمايدۇ" دەپ.ئىچكى ئامىل ھەممىدىن مۇھىم، مەسىلىنىڭ ئەڭ تۈگىنى يەنىلا ئۆزىمىزدە.شۇنداق كۆپ مساللار بار بۇنىڭ ئۈچۇن:

ئەينى ۋاقتتىكى سايۇزدا (سوۋىت ئتتېپاقى) جۇمھۇريەتلەر ئارىسىدا كۆپىنچىسىدە يىزىق ئۆزگەرتىش بولىنغان. مەسىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ئۆزبەكىستانلاردا بىزگە ئوخشاش دەسلىبىدە چاغاتاي ، ئاندىن لاتىن يىزىقى ئىشلىتىلگەن. كىيىن بىر بۇيرۇق بىلەنلا سرىلىك (روس يىزىقى) يىزىقىغا ئۆزگەرگەن. ھازىر يەنە لاتىنغا قايتىشنىڭ غەۋغىسى. بۇ دىشۋارچىلىقلار بىزگىمۇ ئاز زىيان سالمىدى. ئەشۇ جۇمھۇريەتلەرنىڭ ئارىسىدا لېتۋانىيەمۇ بار. سوۋىتنىنڭ بۇ بالتىق دىڭزى بويىدىكى جۇمھۇريىتى ئۆزىگە خوشنا بولغان لاتۋىيە، ۋە لاتۋىيەنىڭ ئۈستىدىكى ئىستونىيەلەر بىلەن جۇغراپىيەلىك ۋە تارىخ جەھەتتىن شۇنچىلىك ئوخشاشلىققا ئىگە. يەر كۆلەم، ئاھالە سانى ئوخشاش دىگۈدەك، لىتۋانيىدە ھازىر تەخمىنەن 3 مىليون نوپۇس بار. بولوپمۇ لىتۋانيىلىكلەر لاتۋىيەلىكلەر بىلەن قان-قىرىنداش خەلق، خۇددى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەردەكلا. يېزىق ئۆزگەرتىش بورىنى لىتۋانيىلىكلەرگە كەلگەندە، ئۇلار پەقەتلا ئۆزگەرتمىگەن، ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرغان. لىكىن لاتۋىيلىكلەر، ئىستونىيىلىكلەر ماۋۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش بىراقلا ئۆزگەرتكەن. ئەمدى مۇستەقىل بولوپ يەنە ئەسلىدىكىگە قايتىشنىڭ قالايمىقانچىلىقى. سەۋەپ نىمە:
لىتۋانىيەلىك ساۋاقدىشىمنىڭ كومپيۇتىرىغا يېزىۋالغان مۇنۇ جۈملىسى بەلكىم جاۋاپتۇر---(تەرجىمىسى) " لىتىۋان بولغىنىڭدىن پەخىرلەن!"

بىزىنىڭ بوۋىلىرىمىز مەڭگۈ تاشلارغا خەت پۈتىۋاتقان ۋاقىتلاردا بۇ لىتۋانلار تىخى ئورماندا ياۋايى تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان. بىزدە پەخىرلىنىش بىر خىل خاتا تۈس ئالغان ياكى ھەققى پەخرلىنىش ئەمەس. باشقىنى چەتكە قاقمىغان مەدەنىيەت مەۋجۇت بولوپ تۇرالمايدۇ.باشقىنى چەتكە قىقىش كېرەك، ھەم يىڭلىق يارىتىپ داۋاملىق تەرەققى قىلىش كېرەك. ياپونلار قارىماققا غەرىب دىسە دۈم چۈشىدۇ، ئتاليەنىڭ كوچىلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز قەدەمدە بىرتوپ ياپونلۇق، لىكىن ئۇلار شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويمايدىكەن، قارىسىڭىز يەنىلا ياپونچە تەپەككۇر، ياپونچە ھايات.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى سۆزى بويىچە ئىيتقاندا بۇلار ئاتنىڭ قىزىسىنى يەيدۇ ، لىكىن ئات بولوپ كەتمەيدۇ.بۇلار ياراتقان يىقىنقى مەدەنيەت " بەش مىڭ يىللىق " مەدەنيىتى بار قەۋىملەرنىمۇ تېرە پېرەڭ قىلىۋاتىدۇ، مىسالغا ئۇلار چىقىرۋاتقان كارتون بىلەن ئىلىكترونلۇق ئويۇنچۇقلارلا يىتپ ئاشىدۇ.دىمەكچى، ھازىر خىرسقا ئۇچراۋاتقان بىزلا ئەمەس، شۇ خوشنىمىزمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەنئەنىۋى مەدەنيىتىمىزگە تايىنىپ يىڭلىق يارىتىش كېرەك. گپىم بەك قىيىپ كەتتى، خۇلاسەم شۇ، ئۆزىڭزگە چىڭ بولمىسىڭىز بەرىبىر بىكار، ئاخر يەم بولىسىز...

ئاپام باشلانغۇچتا مۇئەللىم ۋاقتىدابىر قىتىم يۇقىردىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن پۇل كەلگەن ئىكەن. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئول مۇئاۋىن باشلىقى(ئۇيغۇر) ئاغرىق سەۋەبلىك دەم ئلىۋاتقان بىر نەچچە مۇئەللىمگە بۇ پۇلدىن بەرمەپتۇ، ئەلۋەتتە پەتېۋالىرى بار. بۇنى ئۇققان يېڭى كەلگەن باشلىق (خەنزۇ) ھەيران بولوپتۇمىش، ھەم ئۇ ئاداشنى ئانچە-مۇنچە تەنقىدلەپ پۇلنى ھەممە مۇئەللىمگە بەرگۈزۈپتۇ.بۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنچى باشلىقلار قانچە بۇنى بىلمەيمەن، لىكىن ئاۋۇنىڭغا ئوخشاش مەلئۇنلاردىن كۈرمىڭى بار...

باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان سىڭلىم كىرىپتۇ بىر كۈن، يىڭى كەلگەن مۇئەللىمىمىز سىنىپتا تاماك چەكتى دەپ. ئاپام-دادام خۇددى باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاخ ئاچچىقلاندى يۇ بۆلەك بىر ئىش قىلمىدى. ئويلايلى، ئەگەر ھەممە ئاتا-ئانا ما مۇئەللىم ماندا ئىش قىلىپتۇ، بىزگە بۇنداق مۇئەللىم كېرەك ئەمەس دەپ مەكتەپكە بىسىم ئىشلەتسە بىرەر نەتىجىسى بولماسمۇ؟!

دادام كەنت باشلىقى مەزگىلىدە يولداشلاردىن كىلىپ تۇراتتى، قولىدا يېزا باشلىقىنىڭ قەغىزى، يەر بىرىلسۇن دەپ. ۋاھالەنكى، شۇ يىزىدا ئاتام زاماندىن ياشاپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بويى ھارۋا چاقىدىن ئاشقان پەرزەنتلىرىگە يەر يوق. دادام مەنسىپىدىن ، قايسى ھاراق سورۇنلىرىدا تېكلىگەن يۈزىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن نەلەردىندۇر بىر يەرنى تېپىپ بەردى شۇ ئاداشقا.

ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە يىقىن مەكتۋىمدىكى مۇئەللىملەر ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانغا كىرىپ تويىغىچە ئىچىدىغان بىر ئەندىزە چىقىرۋالغان ئىدى. نىمىگە ئىچىدۇ دەيتتىم. ئۆزۈم زابوينىڭ ئوغلى، دادام مەرتلىكىدىن كىملا بولسا ئۆيگە باشلاپ ئۆيدىلا ئىچىدىغان، ھاراقنى دۇكاندىن مەن ئەكىلەتتىم. 16 يىل شۇنداق ئۆتتى. مەن كۆرمىگەن ھاراقكەش قالمىدى. ھەممىنى كۆزىتەتتىم، پاراڭلىرىنى ئاڭلايتتىم، جىدەللرىنى كۆرەتتىم، قىسىقىسى ئىچىش باشلىنىشتىن ئاخىرىغچە ھەممىگە شاھىد بولاتتىم. ئاخىرىدا خۇلاسەم شۇ بولدىكى، ھاراق بىر تۈپتۈز، جىگەرلىك ئادەمنى ئاخر ئالدى بىلەن كەينىنىڭ پەرىقى يوق بىر مەلئۇنغا ئايلاندۇرىدۇ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن پەرىقى يوق. نىمە ئۈچۈن ئىچىدۇ؟ " دەرت ئۈچۈن"، ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك دەرتلىرى باركى، شۇ ھاراقنى ئىچىۋالمىسا دەرتلىرى ئىچىنى كۆيدۈرۈپ كېچىچە ئۇخلاتمايدۇ.ھاراق كەلتۈرگەن بىردەملىك ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ پىسخىك باھانىسى.خوش سىز بىر دەم ئەركىن بولدىڭىز، ئاقىۋەت شۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن قاينىغان قىنىڭىز سوۋۇدى، غورۇرىڭىز يۇمشىدى، بىر دەرىجە ئۈستىگە يۈزى قىلىن تارتىنچاق بولدىڭىز. ھەتتا بىر رومكا ئىشمىسىڭىز ئۇسسۇلمۇ ئوينىيالمايدىغان بولدىڭىز. تەكرار-تەكرار، تەكرار-تەكرار، نەچچە ئون يىل.ئەمدى سىزدەك روھىيىتى ئاجىز ئادەم يوق، شۇنچىلىك ئاجىز ئادەمكەنسىزكى قىلچىلىكمۇ ئىرادىڭىز يوق، كېچىككىنە مەغلۇبىيەت سىزنى پۈتۈنلەيلا تۈگەشتۈرىدۇ.

نىمىسلارمۇ ئىچىپ قويىدىكەن خىلى، لىكىن بىزدەك ئېچكەننى كۆرمىدىم.ھاراقكەشلىك بىزدەك ئىغىر مىللەت بولمىسا كىرەك، كۈلكىلىك يىرى بىز تېخى "مۇسۇلمان".ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىشى تىخى... نىمىشقا بىر ئىلمىرەك بولمايدۇ دەيمەن، لايىقىدا ئىچىش دىگەن ئۇقۇم يوق بىزدە، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش تىخىمۇ يوق. تخى ھە دەپ خەقنى سۆكىدۇ، با سەۋەپنى خەقتىن كۆرىدۇ.شۇ باشلىقلارمۇ يەنە ئۆزىمىزنىڭ قىرىنداشلىرىغۇ، ما سىياسەت بىزگە ماس كەلمەيدۇ دىگەن بىر ئىغىز گەپ چىقمايدۇ زىنھار.سىناپمۇ باقمايدۇ ھەتتا، خۇددى شۇ گەپنى دىگۈدەك بولسا بىرى كىلىپ بىشىنى ئالىدىغاندەك.دادامغا مىڭ رەھمەت دەيمەن بەزىدە، شۇ دادامنى ئەينەك قىلىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىم. لىكىن مەن ۋە ئىنىمنگە ئوخشاش شۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەندە توغرا تەرەپكە ماڭىدىغان قانچىلىك پەرزەنت بار؟

" كۆر ئىتقا بولسا باش ئارىسلان
ھەممە ئىتلار بولۇر ئارىسلانسىمان"

ئەلۋەتتە ، ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۆلچەم قويۇش ھەم ئوخشاش نەرسە تەلەپ قىلىش توغرا ئەمەس. ھىچ بولمىغاندا ئون ئادەم ئىچىدىن بىرى جىگەرلىك چىقسىمۇ شۇنىڭ ئۆزى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. لىكىن بىزدە ھازىر مىڭنىڭ ئىچىدە بارمۇ بىرى؟ دىمەكچى شۇ مۇدرىلارنىڭ، شۇ باشلىقلارنىڭ ئىچىدە....

يەنە شۇ ئابىيامقى خۇلاسە، ئۆزىمىزگە چىڭ بولايلى، سەۋەپ خەقتە ئەمەس ئۆزىمىزدە! يوق ئىشقا خودۇكسۈرەپ مۇمكىن بولىدىغان ئىشنىمۇ يوق قىلىسىز، ھوقۇقنى بەرسە ئوڭشاپ تۇتالماي، زىيادە سەزگۈر بولوپ كىتىدىغان ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىغۇ، ھەممىمىزدە بارغۇ بۇ كېسەل...تۇزىتىش كېرەك، قاينىسا ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ روھىيىتىدە ئۇستىخان بارلىقىغا ئۆلسەم ئىشەنمەيمەن!!!

0 comments:

Post a Comment