Dec 15, 2008

ئىلمى ساھەدىكى بىر سەتچىلىك



گىرمانىيەدە چىقىدىغان داڭلىق ئىلمى جورنالنىڭ "Max-Planck Forschung” مۇقاۋىسىغا بىسىلغان خەنزۇچە شېئردىن جورنال چىقارغۇچىلار ئەپۇ سورىدى. جورنالنىڭ مەزكۇر سانى" جۇڭگۇغا نەزەر" دىگەننى ئاساسى تېما قىلغان بولوپ، دەل شۇ مەقسەتنى تىخىمۇ روشەن ئىپادىلەش ئۈچۈن، جورنال مۇقاۋىسىغا خاتا ھالدا مەلۇم بىرىنىڭ ئاۋمىندىكى پاھىشىخاننىڭ كۆزنىكىگە چىقىرىلغان ئىلان تاختىسىدىكى شېئرنى چىقىرىپ سالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ شېئرنى چىقىرىشتىن بۇرۇن، تەھرىريات بۆلۈمىدىكىلەر بىر جۇڭگۇشۇناستىن شېئرنىڭ مەنىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغانمىش، ئۇ ئاداش كۆرۈپلا "ۋاي بولىدىغان شېئىركەن" دىگەن چىغىۋا، بۇ ئىشتىن كىيىن خىزمىتىدىن قالدۇرلۇپتۇ. شېئىر مەزمۇنىنى تۆۋەندە كۆرۈڭ.

ulinish

مەن بۇ ئىشنى ئالدىنقى ھەپتە شتۇتگارتتىكى ماكس-پلاڭك ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىمنى يوقلاپ بارغىنىمدا خەۋەر تاپقان ئىدىم. ئۇ ئادىشىم ۋاقتىدا بىرنى ئىلىۋاپتىكەن، كىيىن يىغىۋاپتۇ. ئۇمۇ مەنىسىنى بىلمەپتىكەن، مەن تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كىيىن، ئىككىيلەن يىرىم كۈن كۈلدۇق...


0 comments:

Post a Comment