Jan 6, 2009

قايسى CPU ياخشى، AMD 64 بىتلىقمۇ ياكى ئىنتىل
قوشنېگىزلىكمۇ؟



ھازىر بازاردا كۆپىنچە ئىككى خىللا CPU ئۇچرايدۇ. بىرى ئىنتىل شىركېتىنىڭ، يەنە بىرى AMD شىركېتىنىڭ. تەبئىكى، كومپۇتېر سېتۋىلىشتا قايسى خىلدىكىسىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى ھەم باھاسى ئەرزان دىگەن سۇئالغا دۇچ كىلىسىز. بىر مۇنچە تور بەتلەرنى ھەم بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى كۆرگەندىن كىيىنكى يەكۈن تۆۋەندىكىدەك بولدى:

ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىقتىداردىكى CPU غا نىسبەتەن ئىيتقاندا AMD نىڭ مەھسۇلاتلىرى بىردەك ئىنتىلدىن ئەرزان بولغان، ھىچبولمىغاندا ھازىرچە شۇنداق.

ئىقتىدارىنى ئىلىپ ئىيتقاندا، مەيلى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، كودلاش تېزلىكى، ئۇيۇن ئويناش ياكى ھىسابلاش جەھەتتە بولسۇن، AMD نىڭ CPU مەھسۇلاتلىرى بىردەك ئىنتىلدىن ئۈستۈن تۇرغان. ئىنتىل پەقەت بىر قىتىمدا كۆپ مەشغۇلات قىلىشتا ئازراق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان. دېمەك ھازىرقى بازاردا، باھا ۋە ئىقتىدار جەھەتتە AMD ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىپ ئىنتىل بىلەن تىركىشىپ تۇرۋاتقان بىردىن-بىر شىركەت بولوپ قالدى.

يىڭى چىققان AMD Athlon 64 X2 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 64 بىتلىق بولوپلا قالماي يەنە قوش نىگىزلىك. بۇنىڭغا قارىتا ئىنتىل Core 2 Duo نى چىقاردى، دىيىشىچە 64 بىتلىقنى قوللايدىكەن. لىكىن باھادا ھازىرچە يەنىلا AMD نىڭ ئەرزانكەن.

لىكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ۋىندوۋس سىستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ، گەرچە ۋىندوۋس ئۆزىنىڭ ۋىندوۋس 64 بىتلىق نۇسخىسىنى چىقارغان بولسىمۇ بۇ سىستىما تىخى مۇكەممەللەشمىدى. دېمەك سىز 64 بىتلىق CPU ئىشلىتىپ ۋىندوۋسنىڭ 32 بىتلىق سىستىما نۇسخىسىدا ئىشلىسىڭز 64 بىتلىق CPU نىڭ ئەۋزەللىكىنى تازا كۆرەلمەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن لىنۇكس سىستىمىسى ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ.

پايدىلىنىلغان ماتېرياللارنى تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن كۆرۈڭ:
[1]
[2]
[3]


0 comments:

Post a Comment